دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامىسىدە مۇھىم نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەندى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياننامىسىدە، «تۈركىيەنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىرلا ۋاقىتتا ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن  كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» تەكىتلەندى.

1211671
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامىسىدە مۇھىم نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  يىغىندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا ئۇۋا سېلىۋالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى قوزغىغان «پەنچە ھەرىكىتى»  توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، تۈركىيەنىڭ بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىرلا ۋاقىتتا ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن  كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.»

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە قىسىملىرىمۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا ياشاۋاتقان پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئىدلىب كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ «ئاستانا روھى» غا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، يېڭى ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە ئاممىۋى كۆچمەنلىك ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يىغىندا، قىبرىس ئارىلى ۋە ئەتراپىدا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياننامىدە، مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا يەنە،  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنى ئاداققىچە جان تىكىپ قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،   رايونغا قارىتا ئىغۋاگەرلىك قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلارچە ھەرىكەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالەتتىكى پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، بۇ رايوندا قالايمىقچانلىق تۇغدۇرۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر