ئاكار: پەنجە ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار پەنجە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ، تۈركىيەگە شىمالىي ئىراقتىن كېلىدىغان تېررورلۇق تەھدىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1210636
ئاكار: پەنجە ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ھاسان كۈچۈكئاكيۈز بىلەن تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاداناغا باردى ۋە 27-ماي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى باشلانغان پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بۇ ھەرىكەت بىلەن، مەھمەتچىكلەر كىرمىگەن تېررورىستلارنىڭ ئۆڭكۈرلىرى ۋە ئۇۋىلىرى قالمايدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ. قاندىل، ئاسوس ۋە باشقا يەرلەردە بايقالغان تېررورلۇق نۇقتىلىرى تۇنجى قېتىم يەرلىك ۋە مىللىي قوراللار بىلەن بىتچىت قىلىنماقتا» دېدى.

ئۇ سۈرىيە ئىدلىب رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئىدلىبتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشى ۋە ھۆكۈمران بولۇشى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئۇچرىشىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر