ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھان سالىھ بۈگۈن كەچتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھان سالىھ بۈگۈن (28-ماي) خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1209733
ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھان سالىھ بۈگۈن كەچتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇلى پىروفېسسور دوكتور فاھرەتتىن ئالتۇن ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھان سالھىنىڭ بۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردا ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھان سالىھنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان پىرېزىدېنت بەرھان سالىھ ۋە رەپىقىسىگە ئىپتار زىياپىتى بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر