تۈركىيە – قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېيبۇت ئاتامقۇلوۋ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1207621
تۈركىيە – قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېيبۇت ئاتامقۇلوۋ، قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندا چاقىرىلغان «تۈركىيە – قازاقىستان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك يىغىنى» دىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىن دائىرىسىدە، قازاقىستاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىكلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تېخنىكىلىك سەۋىيەدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ يىغىن چاقىرىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلەر قېتىملىق يىغىندا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىملەرگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنىڭ تاماملىنىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى ئىمزالانغان بەزى كېلىشىملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ كېلىشىملەر ۋە تىرىشچانلىقلارنىڭ نشانىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ دائىرىدە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، جۈملىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان نىشانلارغا ئاساسەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىدىكى باسقۇچتا قوشقا ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنى دەرھال چاقىرىلىشى كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسنىڭ بولۇشى، بۇ مىخانىزمغا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىزغا ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە ساياھەت جەھەتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى قازاقىستان بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر