فىرانسىيە تۈركىيەگە «سامپ-ت»تىپلىق مۇداپىئە سىسېتمىلىرى توغرۇلۇق تەكلىپ بەردى

فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەگە «سامپ-ت»تىپلىق مۇداپىئە سىسېتمىلىرى توغرۇلۇق تەكلىپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1206036
فىرانسىيە تۈركىيەگە «سامپ-ت»تىپلىق مۇداپىئە سىسېتمىلىرى توغرۇلۇق  تەكلىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەگە «سامپ-ت»تىپلىق مۇداپىئە سىسېتمىلىرى توغرۇلۇق  تەكلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار تاراتقۇلارنىڭ ئەنقەرە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ھۇلۇسى ئاكار فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەگە «سامپ-ت»تىپلىق مۇداپىئە سىسېتمىلىرى توغرۇلۇق بەرگەن تەكلىپى ئۈستىدە توختىلىپ: فىرانسىيە دائىرىلىرى <سامپ-ت>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ باتارىيەلىرىنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى. كاھرامانماراش ۋە ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، دېدى.

بىر تۈركۈم تۈركىيە ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان <س-400>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى بويىچە تەلىم ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە كەتكەنلىكى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا قارىتا مىنسىتىر ئاكار مۇنداق جاۋاب بەردى: «<س-400>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى بويىچە تەلىم ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم خادىملىرىمىز رۇسىيەگە كەتتى، ئۇلار ھازىر تەلىم ئېلىشنى باشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ تەلىمى بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر