فۇئات ئوكتاي زېلېنىسكىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1204698
فۇئات ئوكتاي زېلېنىسكىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي بۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا يېتىپ بېرىپ، ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان زېلېنىسكى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ۋە قەسەم ئىچىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان.

مۇراسىمغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى جانوس ئادېر، لاتۋىيە پىرېزىدېنتى دالىئا گىتباۇسكايتې، گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى، لىتونىيە پىرېزىدېنتى رايموندس ۋېجونىس، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئوكتاي ئەسەدوۋ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماروس سېفكوۋىچ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت زېلېنىسكى مۇراسىمدىن كېيىن مارىيىنسكى ساريىدا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلغان، دۆلىتىمىز مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي زېلېنىسكىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەبرىكنامىسىنى زېلېنىسكىگە سۇنغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر