فۇئات ئوكتاي ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت كىيېۋ دا زىيارەتتە بولىدۇ.

1204343
فۇئات ئوكتاي ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي بۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا يېتىپ بارىدىكەن.

ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان زېلېنىسكى ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ۋە قەسەم ئىچىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدىغان ئوكتاي،  زېلېنسكى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىكەن.

زىيارەت دائىرىسىدە ئوكتاي بىلەن زېلېنىسكى ئوتتۇرىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، فۇئات ئوكتاي  ۋىلادىمىر زېلېنسكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر