ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت شىمالىي سۈرىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى (ي ت ب) باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇلغان فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىنى زىيارەت قىلدى.

1202292
ي ت ب باشلىقى ئابدۇللاھ ئەرەن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت شىمالىي سۈرىيەدە زىيارەتتە بولدى
ytb firat kalkani1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ ئەرەن ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، كىلىسنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيە زېمىنلىرىغا جايلاشقان ئازەز، باب ۋە چوبانبەي رايونلىرىدىكى مائارىپ خىزمەتلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، مەھەللىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

ھەيئەت، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى تەرىپىدىن چوبانبەيگە ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى شېھىتى بولغان مۇسا ئۆزئالقاننىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن سالدۇرۇلغان كۈلتۈر مەركىزىدە بېرىلگەن ئىپتاردا يېتىم- يېسىرلار ۋە ايون ئاھالىسى بىلەن كۆرۈشتى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش يۈزىسىدىن تەلىم – تەربىيەسىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان نۇرغۇن ياشنىڭ ئاكادېمىك ھاياتىغا ھەمنەپەس بولۇش مەقسىتىدە تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇللاھ ئەرەن، بۇ ياشلارنىڭ سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشىدا مۇھىم روللارنى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ نۇقتىدا تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئالىي مائارىپىنى داۋاملاشتۇرۇشى جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەرەن، «تۈركىيەدە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئالىي مائارىپىغا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئورگىنىمىز ئادا قىلىدۇ. سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاگېرلاردا ۋە شەھەر مەركەزلىرىدىكى ئوقۇشلىرىغا ھەسسە قوشۇۋاتىمىز. تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇلغان بۇ رايونلاردا بولسا، ئالىي مائارىپنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆزىتىش ۋە تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن باشقا تۇغقان خەلقلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر