ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1201035
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇلۇسى ئاقار بىلەن شويگۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە رايوندا سۈركىلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق بىخەتەرلىك، ئۆكتەبىر ئېيىدا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.