تۈركىيە قىرغىزىستاننىڭ فەتھۇللاھچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە قىرغىزىستان باش مۇپتىلىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1200683
تۈركىيە قىرغىزىستاننىڭ فەتھۇللاھچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، قىرغىزىستان باش مۇپتىلىكى ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتارغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىباشلىرىنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنىشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھامى ئاقسوي بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇرۇپ، «قىرغىزىستان باش مۇپتىلىكىنىڭ 8 – مايدا ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتارىغا بۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىباشلىرىنىڭمۇ چاقىرىلغان بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە، مەزكۇر ئىپتارغا تەكلىپ قىلىنغان بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىز بۇ ئەھۋالنى پەرق ئېتىپ، زۆرۈر بولغان تېگىشلىك نارازىلىقنى بىلدۈردى» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چەت ئەلدىكى قۇرۇلمىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئاقسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پەيدا قىلغان ئامانلىق خەۋپى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قايتا – قايتا جېكىلەپ چۈشەندۈرۈلدى. بۇ مەسىلىگە دوستىمىز بولغان دۆلەتلەرنىڭ پەقەت رەسمىي دائىرىلىرىنىڭلا ئەمەس، بارلىق مىللىي ئورگانلىرىنىڭمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر