تۈرك رەھبەلەر ئامېرىكىدىكى دىيانەت جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئامېرىكىدىكى دىيانەت جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

1200705
تۈرك رەھبەلەر ئامېرىكىدىكى دىيانەت جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھاۋېن شەھىرىدىكى دىيانەت جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ ھاۋېن شەھىرىدە دىيانەت جامەسىگە رامىزان ئېيىدا  ئوت قويۇپ بېرىلىشى، دۇنيادا كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ يېڭى ئۈلگىسى. بىردىنبىر تەسەللىمىز ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىدۇر. بۇ پەسكەش ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلار ۋاقتىدا قولغا چۈشۈرۈلۈپ جازالىنىشى كېرەك. ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىشمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «بۇ ھۇجۇمنى سىياسىي ياكى ئىدېئولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆرمەسكە سالغۇچىلار، ئۆزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر ئۆچمەنلىك يىغىندىسىنى تاماشا قىلماقتا» دېدى.

ئۆمەر چەلىك تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ نيۇ ھاۋېن شەھىرىدىكى دىيانەت جامەسىگەتىنچ – ئامانلىق ئېيى بولغان رامىزاندا ئوت قويۇپ بېرىلدى. ئىسلام دۈشمەنلىكى قىلىۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت – قاراشلىرىنى زەھەرلىمەكتە» دېدى.

چەلىك يەنە، «ئۆچمەنلىكنىڭ چەك – چېگراسى يوق؛ جامەلەردىن باشلىنىدۇ، باشقا ئىبادەتخانىلارغا يېيىلىدۇ. ئىسلام دۈشمەنلىكىگە كۆز يۇمغۇچىلار، ئەسلىدە ھامان بىر كۈنى پۈتكۈل دېموكراتىيەلەرنى زەھەرلەيدىغان بىر تەلۋىلىككە رىغبەتلەندۈرگەن بولىدۇ. بۈگۈن ئۆچمەنلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تاللاپ ھەرىكەت قىلىشى پەقەت ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قوللانغان بىر تاكتىكىدۇر. ئاساسىي نىشان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت – قاراشلىرىدۇر. بۈگۈن جامەلەرگە ھۇجۇم قىلغان ئۆچمەنلىك ئىدېئولوگىيەسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پۈتكۈل ئىبادەتخانىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدۇ. ئىسلام دۈشمەنلىكى قىلغۇچىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە يىلتىزى ئىنسانىيەت دۈشمەنلىكىنى تايانچ قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر