ئەردوغان: زېمىنلىرىدا ئىسيانچى قاتىللارنى مېھمان قىلىۋاتقانلار تۈركىيەگە قانۇن دەرسى بېرەلمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، زېمىنلىرىدا ھەربىي ئىسيانچى قاتىللارنى مېھمان قىلىۋاتقانلارنىڭ تۈركىيەگە قانۇن دەرسى بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1199531
ئەردوغان: زېمىنلىرىدا ئىسيانچى قاتىللارنى مېھمان قىلىۋاتقانلار تۈركىيەگە قانۇن دەرسى بېرەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلىك ۋەخپى مەركىزىي بىناسىدا بېرىلگەن 39 – نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى بىرلىك ۋەخپى ئىپتارىدا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرە ۋە ئېمبارگو ئارقىلىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان غەززەنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «سۈرىيەنىڭ قولى قانلىق تۈزۈمى ئىدلىبتا ياشاۋاتقان پۇقرالارنى، دوختۇرخانا ۋە مەكتەپلەرنى مۇشۇ رامىزان كۈنلىرىدە ۋارىل بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلىشتا قىلچىلىك مەسىلە بار دەپ قارىمىدى. يەمەندە يۈز مىڭلارچە بالا رەزىل بىر ئۇرۇشنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ئاچلىق ۋە ئاچارچىلىقنىڭ پەنجىسى ئاستىدا ئىڭرىماقتا. لىۋىيەدە پەقەت نېفىت قودۇقلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى (قولغا كىرگۈزۈش) ئۈچۈن ياللانما قاتىلنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە كۆز يۇمۇلماقتا. ئاراكاندىن سومالىغىچە، ئافغانىستاندىن ئىراققىچە بولغان كۆڭۈل جۇغراپىيەمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رامىزان ئېيىدىمۇ يەنە ئىس – تۈتەكلەر، يەنە پەريادلار يۈكسەلمەكتە» دېدى.

ئەردوغان، زالىملارنىڭ ھەردائىم رامىزاندا تېخىمۇ بىپەرۋالىشىپ كېتىدىغانلىقلىرىغا گۇۋاھ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىشىدىن ئالغان جاسارەتكە تايىنىپ ئىشنى تاراتقۇلار ۋە ئىنسانپەرۋەر ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلىشىچە ئېلىپ باردى ۋە بىزنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىمىزنى بومباردىمان قىلدى. چۈنكى (مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق) غەززە خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئامما تەرىپىدىن بىلىنىپ قېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، دەپ ئويلىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە، «ئۇلار خالىمىسىمۇ ئىنسانىي ياردەم ئورگانلىرىمىز ھەر تۈرلۈك خەۋپكە تەۋەككۇل قىلىپ، موھتاجلارنىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم سۈرمەكتە. بىز بۇلارنى قىلىۋاتقاندا، مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرىسىدا دۆلىتىمىزنى ئەيىبلەش يامغۇرىغا تۇتقان ئورگانلارنىڭ بىرىنىڭمۇ نارازىلىق ئاۋازى چىقمىدى. مەسىلە تۈركىيە بولغىنىدا، دەرھال ھەممىنى قوزغىتىشىدۇ، غەززەدىكى ھۇجۇمغا بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۈچ مايمۇن ئويۇنىنى ئوينىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئېغىزىدىن ئادالەت ۋە ئەركىنلىك (سۆزلىرىنى) چۈشۈرمەيدىغانلارنىڭ مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش مەھكىمىلىرى قۇرغان دارلارغا قارشى ئىپادە بىلدۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، «دەل ئەكسىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەنسۇپى دۆلەتلەر، مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئوخشاش ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كېلەچەكتە نېمە ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىشەلەيدۇ» دېدى.

ئەردوغان يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشىدىن، يېڭى زېلاندىيەدىكى پەسكەش تېررورلۇق ھۇجۇمىغىچە بولغان بارلىق ھادىسىلەردە، بۇ ئىككى يۈزلىمىچى پوزىتسىيەنىڭ بىر شەكىلدە ئۆزىنى پاش قىلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن ئىنسانىي قىممەتلەر ئارىسىدىكى تاللاشتىن ئىبارەت سەمىمىيەت سىنىقىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ۋە ئىزچىل ھالدا دوللار ۋە نېفىتنى كۆزلەپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر