تۈركىيە گېرمان باياناتچىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ تۈركىيەنى قىيىن – قىستاققا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان باياناتىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1199644
تۈركىيە گېرمان باياناتچىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ قىيىن – قىستاققا ۋە ناچار مۇئامىلىگە قارشى ب د ت نىڭ ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەھدىناملىرىگە تەرەپ ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھەرقانداق ماكان، خەلقئارا مېخانىزملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئوچۇقتۇر. <قىيىن – قىستاقتا نۆل بولۇش> سىياسىتى 2003 – يىلىدىن بۇيان ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا، قىيىن – قىستاققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدىمۇ خەلقئارادىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھامى ئاقسوي، «گېرمانىيە رەسمىي ئاگېنتلىقىدا تارقىتىلغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان باياناتىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوقتۇر. چۈنكى، باياناتقا تېما بولغان كىشىنىڭ دەۋالىرى ئۆز ۋاقتىدا ئالاقىدار جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئاساسسىز ئىكەنلىكىگە قارار قىلىنغاندۇر. دۆلىتىمىز بارلىق قىيىن – قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلە دەۋالىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرمەكتە ۋە بۇ ساھەدىكى ئوچۇق – ئاشكارا پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. قىيىن – قىستاق جىنايىتىگە ئالاقىدار <ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىش> بەلگىلىمىسىمۇ 2013 – يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تۈركىيەنى قارىلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل ئاساسسىز دەۋالارغا رەسمىي دائىرىلەرنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىدىن ھەيران قالماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر