ئەردوغان پەلەستىن ۋە قۇددۇس ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئاخبارات ئورگانلىرىنى بومباردىمان قىلشتىنمۇ چېكىنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1199265
ئەردوغان پەلەستىن ۋە قۇددۇس ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسى مەكىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى باش ئەلچىلەر ئىپتار پىروگراممىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان سۆزىدە رايوننىڭ قاناۋاتقان يارىسى پەلەستىن مەسلىسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ قانداقلارچە تېخىمۇ چېگىش ھالغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەننىڭ بىرلىكتە تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يېقىنقى 2 يىلدا قۇددۇسقا ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنغا زىت ۋە مۇقەددەس قىممەت قاراشلارنى ئاياق ئاستى قىلغان نۇرغۇن قەدەملەر تاشلاندى. بۇلار يەتمىگەندەك ئەمدىلىكتە مۇبارەك رامىزان ئېيىدىن سەللە ئىلگىرى غەززەدە ئايرىپ ئولتۇرماستىن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىدىغان ھۇجۇملارنى قىلدى» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مېدىيا ئورگانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غەززەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنى بومباردىمان قىلىشتىن چېكىنمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە ئاتالمىش سەزگۈر دۆلەتلەر ۋە ئورگانلار، بۇ ھۇجۇملارغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇشمىدى» دېدى. 

ئەردوغان پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى چۈشەنچىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسىلىكىمىز مەزگىلىدە بىز چاقىرغان 2 جىددىي رەھبەرلەر يىغىنى ئارقىلىق بۇ مەسىلىدە پۈتۈن دۇنياغا كېرەكلىك سىگناللارنى بەردۇق. بارلىق دۆلەتلەرنى پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدە تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشقا ۋە ئۈنۈملۈك پوزىتسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز»  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر