چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1198576
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايوندىكى ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لاۋروۋمۇ تۈنۈگۈن ئەتىگەن ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندىن بۇيان بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ ئىدلىبكە قىلىۋاتقان قويۇق ھۇجۇملىرى ئالدىنقى كۈنى بىرئاز پەسەيگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدىكى ئاستانا باسقۇچىدا سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى بولغان ئىدلىبتە سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر