چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپاغا قىلالايدىغان پايدىسىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1198411
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 9-ماي «ياۋروپا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ياۋروپادا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە تېخىمۇ بىر پۈتۈنلەشكەن ياۋروپا شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «سچۇمەن خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىغا 69 يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «ئۇ كۈندىن بۇيان ئۇزۇن مۇساپىلەرنىڭ بېسىپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي مۇمكىن ئەمەس، بىراق ئىگە بولغانلىرىمزىنى قوغداش ۋە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىمىز ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئۇ كۈنىمىزدە ياۋروپا لايىھەسىنىڭ نۇرغۇن ھادىسىلەر بىلەن سىنالغانلقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنياۋى ئېنىقسىزلىقلار، چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئاۋامىزم خاھىشلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى؛ دۇنياۋى مەنىۋى بايلىقلار ۋە ئىتتىپاقنىڭ كېلەچىكىنىڭ خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يولنى ئايرىش نۇقتىسىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى يا دۇنياۋى بىر كۈچكە ئايلىنىدۇ ۋە بۇنىڭغا كېرەك بولغان غايە ئاساسىدىكى قاراشقا ئىگە بولىدۇ ياكى ئاۋامىزم ۋە ئاشقۇن ئېقىملار ئاۋۇتىدىغان ئىچكى سىياسىي دىنامىكلارغا بويۇن ئىگىدۇ. ئىككىنچىسى ھېچ شۈبىھىسىزكى، تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىپ بەلگىلىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش مۇساپىسىغا بولغان سادىقلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىمىزگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشىدىغان مەنىۋى بايلىقلارغا، كەڭ نۇقتىئىينەزەدىن نەزەر سېلىشى ۋە بۇنىڭغا مۇۋاپىق جاۋاب بېرىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«سچۇمەن خىتابنامىسى، <بىز ئۇچرايدىغان خەتەرلەرگە جاۋابەن يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش مۇمكىن ئەمەس> دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. بىز بۈگۈنمۇ ياۋروپا خەلقلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ياۋروپا لايىھەسىگە تەھدىت سالغان سىناقلارغا قارشى يېڭىلىق يارىتىدىغان چارىلەرنى تېپىش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشىمىز ۋە ئىگە بولغان مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ھەر تەرەپكە يېيىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. تۈركىيە بۇ مەقسەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ھەسسە قوشۇشقا تەييار. دۆلىتىمىزدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزاتلىق ئىلتىماسىمىز سۇنۇلغان 1999-يىلىدىن بېرى تەبرىكلىنىپ كەلگەن ياۋروپا كۈنى مۇبارەك بولسۇن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر