تۈركىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ھۆكۈمىتى موسكۋادا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1195431
تۈركىيە رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە موسكۋادا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىدا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلىشىدىن قايغۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسە تۈپەيلى رۇس خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قايغۇسىنى ئورتاقلىشىمىز، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپا تىلەيمىز.»

موسكۋادا تۈنۈگۈن بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمغا قونۇش ئەسناسىدا ئوت كېتىپ، 41 يولۇچى قازا قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر