تۈركىيە موگېرىنىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنىنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھىدروكاربون ئىزدەش پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى.

1195137
تۈركىيە موگېرىنىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز توغرىسىدىكى باياناتىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھىدروكاربون زاپىسىغا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن يوللۇق ھوقۇقلارنى تايانچ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«موگرېنى تەرىپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھىدروكاربون ئىزدەش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنى رەت قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قايتا – قايتا تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، رايوندىكى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىزدىكى ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىبرىس ئارىلى ئەتراپىدىكى ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ دائىرىدە، تۈركىيەنىڭ بۈگۈنگىچە تاشلاشقا تېگىشلىك ھەرقانداق قەدەمنى تاشلاشتىن يالتايمىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يالتايمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ئاساسەن، شەرقىي ئاق دېڭىزدا خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە خەۋپكە ئىتتىرىشتىن باش تارتمايۋاتقان، قىبرىس ئارىلىنىڭ ئورتاق ئىگىسى بولغان قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىقلاردىكى ئەسلىي ھەقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان، ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان ۋە بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا قارىماي، بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن قىبرى رىم دائىرىلىرىدۇر. شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ، تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قوبۇل قىلىشى ۋە قىبرىس رىم دائىرىلىرىنى شەرتسىز رەۋىشتە قوللاشتىن ۋاز كېچىشى، رايوننىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سوغۇققان بىر پوزىتسىيە بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىمىغانلارنىڭ، بۈگۈن تۈركىيەگە بىر نەرسە دەيدىغان ھېچقانداق ھەقلىرىنىڭ يوقلۇقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر