ئەردوغان چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن «چوڭ چاملىجا جامەسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى.

1194857
ئەردوغان چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافغانىستان، ئالبانىيە، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، پەلەستىن، گىۋىنېيە، قىرغىزىستان، نىگېر، نىگېرىيە، پاكىستان، سېنېگال، سومالى ۋە تۇنىستىن كەلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا كۈتۈۋالدى.

 مېھمانلىرىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئالبانىيە پىرېزىدېنتى ئېلىر مېتا، گىۋىنېيە پىرېزىدېنتى ئالپھا گوندې، سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سال، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىم ئىشتىييە، ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شېفىق جەفەروۋىچ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مەجلىسىنىڭ باشلىقى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر