تۈركىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇداپىئە سانائىتى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىدە تۈركىيە بىر يېڭىلىقنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

1191996
تۈركىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلق ئىچىدە ئاتاك-2 دەپ ئاتىلىۋاتقان ئېغىر تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان تۇنجى قېتىم يەرمەنكىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تىك ئۇچار ئايروپىلان يەرمەنكىدە يەرلىك قورال – ياراغلار سەپلەنگەن ھالەتتە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

ئېغىر تىپلىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى پىلانى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

ئېغىر يۈكلەرنى توشۇشقا بولىدىغان مەزكۇر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قىيىن ھاۋا شارائىتلىرىغا چىدامچان ئىكەنلىكى؛ ئىلغار تېخنولوگىيەلىك نىشان بېكىتىش ۋە سۈرەتكە ئېلىش، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، ئالاقىلىشىش ۋە قورال سىستېمىلىرىنىڭ سەپلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

14 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە يەرمەنكىسى 30 – ئاپرېلدىن 3 – مايغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر