"غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەلىرى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك"

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

1191128
"غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەلىرى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك"

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى چەلىك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەنقەرەنىڭ كىزىلجىھامام ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ سىرى لانكىدا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى سادىر بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن سىرى لاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زور  بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

"سىياسىي ئىسلام"نىڭ تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى دېگەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۆمەر چەلىك: سىياسىي ئىسلام ئۇقۇمىنى خاتا ئىشلىتىش سىياسىي خىرىستىيانلىق دېگەن ئۇقۇمنى خاتا ئىشلىتىش بىلەن ئوخشاش، بىزمۇ قاتتىق ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان سىرى لانكىدىكى تېررورلۇق قىلمىشىدىن بىرسى قوپۇپ مۇسۇلمانلارغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن پايدىلانماسلىقى كېرەك، يېڭى زىلاندىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنى پۈتكۈل دۇنيا رەھبەرلىرى ئۆگىنىشى لازىم، ماكرون قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك، ئىرقچىلىق ۋە كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلەر سىياسىي ئىسلام دېگەن ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر