ئەردوغان: ئەرمەنى مەسىلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمەنلەرنىڭ كۆچۈش مەسىلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە چوڭ پالاكەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1191034
ئەردوغان: ئەرمەنى مەسىلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرە ۋىلايىتىنىڭ قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 28 – نۆۋەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەرەنلەرنىڭ كۆچۈش مەسىلىسىنىڭ، بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى ناھايىتى مۈشكۈل شارائىت ئاستىدا، بالقان ئۇرۇشى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بەزىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك، ئەرمەنلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە ئۇلارنى كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىشتەك چارە – تەدبىرلەرنى قوللانغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپادىن ئامېرىكىغىچە، شىمالىي ئافرىقىدىن كاۋكاز رايونىچە سوزۇلغان كەڭ ساھەسىدە ياشاۋاتقان مىليونلارچە ئەرمەنلەر ھەققىدە سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايتتى. بۇ ھەقتە تالاش – تارتىش قىلىنىدىغان جاي پارلامېنت بىنالىرى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ ئىشنى ھەقىقەت ئاساسىدا ئېنىقلاپ چىقىدىغانلار ئالىملاردۇر. بىزنىڭ ئارخىپلىرىمىز ئەرمەنى مەسىلىسىدە ھەممىگە ئوچۇقتۇر. تەكلىپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئارخىپلاردىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ نېمىلىكى ئايان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارىىپلىرىمىزنى كۆرۈش ئۈچۈن  ھېچكىم كەلگىنى يوق. ھەقىقەتلەر بىلەن يۈزلىشىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئارخىپلىرىمىزغا كىرەلەيدۇ. ئەرمەنلەرنىڭ كۆچۈش مەسىلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە چوڭ پالاكەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ <دۆلىتىمدە 700 مىڭ ئەرمەن بار> دەپ بۇنداق باياناتلارنى ئېلان قىلىشى، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ.»

تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرەنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كىم نېمە دېسە دېسۇن، بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىدۇر. سۈرىيەدىكى تېررورىزم پاتقاقلىقىنى قۇرۇتۇشقا قارىتا قەدەم تاشلاشنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنى  دەرھال «<400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداشقا ئالاقىدار سىستېمىلار بىلەن تەمىنلەش نىشان قىلىنغان پائالىيەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «گولان ئېگىزلىكى» مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، بۇ رايوننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئەمەس، سۈرىيەگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە 1947 – يىلدىن بۇيان داۋاملىق ئىشغال ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، جۈملىدىن توختىماستىن ئىشغال پائالىيەتلىرىنى  داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  ئەنقەرەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا ئالاقىدار شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنقەرەگە قارىتا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سەمىمىيەتسىز سىياسەتلىرى، پىرىنسىپسىزلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنى ئەيىبلەش يولىنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە قەدەم تاشلاشقا تېگىشلىك تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، ئى ياۋروپا! ئەگەر سىلەر تۈركىيەنى ياقتۇرمىساڭلار، ئۇنداقتا، كېلىڭلار، بۇ ئىشقا خاتىمە بېرەيلى!.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر