ئەردوغان ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ۋە ت ر ت خىزمەتچىلىرىگە تەسەللىي بەردى

ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ت ر ت نىڭ ئىنگلىزچە قانىلى TRT World نىڭ ئەنگلىيەدىكى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەب ۋە ت ر ت مەنسۇپلىرىغا تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

1189981
ئەردوغان ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن ۋە ت ر ت خىزمەتچىلىرىگە تەسەللىي بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) نىڭ ئىنگلىزچە قانىلى TRT World نىڭ ئەنگلىيەدىكى مەركىزىگە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەب ۋە ت ر ت مەنسۇپلىرىغا تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەب ۋە ت ر ت مەنسۇپلىرىغا تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى، تۈنۈگۈن  TRT World  قانىلىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانىدى.

50 ئەتراپىدىكى تېررور تەشكىلاتى تەرەپدارى ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ Gray's Inn كوچىسىدىكى مەركىزى بىناسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىغا كىرگەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالاننىڭ رەسىملىرى بىلەن تەشكىلاتقا سىمۋوللۇق قىلىدىغان لاتا پارچىسىنى كۆتۈرۈۋالغان مەزكۇر گۇرۇپپا، كۈتۈۋېلىش زالىنى بىر سائەت ئەتراپىدا ئىگىلىۋالغانىدى.

بىخەتەرلىك توسۇقلىرىدىن ئۆتەلمىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى، ئەنگلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىنانىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەنىدى.

ۋەقەدە ت ر ت خىزمەتچىلىرى ياكى ئىشخانا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ياۋروپادا تۈركلەرنىڭ ئىش ئورۇنلىرى بىلەن جامەلەرگە ھۇجۇم قىلغان، بەزى چەت ئەل مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

پ ك ك  ئەنگلىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالسىمۇ، ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ تەشكىلات تەرەپدارلىرىغا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنىغا ئاساسەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىكى بىر تەشكىلاتقا سىمۋوللۇق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، جاۋابكارلارغا 10 يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر