تۈركىيە ياشلىرى چاناققەلئەدىكى ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭدى

چاناققەلئە قۇرۇغلۇق ئۇرۇشىنىڭ 104 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى دائىرىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىزچىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 8000 كىشى 57 – پولكقا ۋاپا يۈرىشى ئۆتكۈزدى.

1189696
تۈركىيە ياشلىرى چاناققەلئەدىكى ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭدى
yuruyus.jpg
yuruyus.jpg

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار 1915يىلى 25ئاپرىل ئەتىگەندە 57 - پولك ماڭغان يولدا يۈرۈش قىلدى.

يۈرۈش پائالىيىتىگە ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇمۇ قاتناشتى. 

تارىخىي گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدىكى كوجادەرە لاگېر رايونىدىن باشلانغان يۈرۈشتە، يول بويىچە ياشلارنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشى جەريانىدا ئەجداتلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قېيىنچىلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالىشى ۋە ئۇ ھېس تۇيغۇلارنى ئىچىدە ياشىتالىشى ئۈچۈن ئاۋازلىق ئوقلار ۋە ئاۋاز بومبىلىرى ئېتىلدى.

2 كېلومېتىر يۈرگەندىن كېيىن چاناققەلئە قۇرۇغلۇق ئۇرۇشىنىڭ 104يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن 104 مېتىرلىق تۈركىيە بايرىقى ئېچىلدى.

جونكبايىردا ئاخىرلاشقان 5 كېلومېتىرلىق يۈرۈشتىن كېيىن، مۇخبىلارغا بايانات ئېلان قىلغان مىنىستىر قاساپئوغلۇ، ياشلار بىلەن بىرگە ئەجدادلارنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى بۇ يەردە كۆرسەتكەن ئۇ چوشقۇن قىزغىنلىقى، ھاياجانى ۋە ئېڭىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ياشلار بىلەن مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ بىرلىكتە يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

57پولك؛ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تەۋە پولك بولۇپ، جاناققەلئە قۇرۇغلۇق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئانزاق ئارمىيەسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا شۇنداقلا كېيىنكى ئۇرۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن تۇنىلىدۇ.

57پولك چاناققەلئە ئۇرۇشى جەريانىدا 1915يىلى ئەنزاق قىسىملىرىنىڭ ئالدىنى غەلىبىلك توسۇپ قىلىشى ۋە بۇ جەياندا بەرگەن شېھىتلىرى بىلەن داستانلاشقان بىر پولك ھېسابلىنىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر