چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى توغرا ئەمەس

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1188558
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى توغرا ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىروجىددىن مۇھرىددىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىلگىرى ئىرانغا قارىتىلغان نېفىت ئېمبارگولىرىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان 8 دۆلەتكە قايتا كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا بۇنداق ئېمبارگولارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق ئېمبارگولارنىڭ ئىران خەلقىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئېمبارگولارنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەنمۇ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا ئىسرائىلىيەنىڭ ياردىمى ئارقىلىق دۈشمەنلىك قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سېتىشىنى ئاشۇرىدۇ.»

دۇنيا تارىخىدا بۇنداق بىر ئىشنىڭ ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇنداق ئىشنى ھازىرقى دەۋردە كۆرۈشكە باشلىدۇق، بىز بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى باشتىن تارتىپلا تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، جۈملىدىن، تۈركىيە بۇنداق زورلۇق – زومبۇلۇقلۇرغا قەتئىي قارشىدۇر.»

سۆزىدە، قېرىنداش دۆلەت تاجىكىستانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھرىددىنى كۈتۈۋالغانلىقلىرى ئۈچۈن تولىمۇ  خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىككە ئالاقىدار سەزگۈرلۈكىنى ھەمىشە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە باشقا ئورۇنلىرى ئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇ رەقەمنى بىر مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىروجىددىن مۇھرىددىن مۇنداق دېدى: «تاجىكىستاننىڭ يېڭى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن  بىرى، تۈركىيە بىلەن بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ھەمراھلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشتۇر. دۆلىتىمىز ئىقتىساد - سودا ۋە سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن. تۈركىيە ھەم تېخنولوگىيە، يېزا ئىگىلىك، سانائەت ۋە ساياھەت ساھەلىرىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ھەم مول تەجرىبە – ساۋاقلارغا ۋە ئىلغار تېخنولوگىيەلەرگە ئىگە دۆلەتتۇر. ئىشىنىمەنكى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش نەتىجىسىدە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا يېتەلەيمىز، بۇ بىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىمىزدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە.»

ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا ئارخىپ ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر