ئەردوغان 23-ئاپرېل مىلىلي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارغا تېخىمۇ پارلاق ئەتىلەرنى تەييارلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1188084
ئەردوغان 23-ئاپرېل مىلىلي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.  

ئۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99-يىللىقى، تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە: «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ ئاساسى سېلىنغاندا، ئەزىز خەلقىمىز كىچىكتىن چوڭغىچە زەپەر ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە سوزۇلغان يولدا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە زېرىكمەي كۈرەش قىلدى. مەجلىسنىڭ قۇرۇلۇشى <ھاكىمىيەت شەرتسىز ھالدا خەلقنىڭدۇر> دېگەن شوئار ئاستىدا ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان، كېلەچەككە يۈزلەندۈرگەن خەلقىمىز ئۈچۈن، ۋەتەن ۋە بايراق سۆيگۈسىنىڭ، ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ مىسالى، ئەركىنلىكىمىزنىڭ ئىشەنچى بولدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«1920-يىلى 23-ئاپرېل مىللىي ئىرادىنى ھەر تۈرلۈك كۈچتىن ئۈستۈن كۆرگەن خەلقىمىز ئۈچۈن، مىللىي ئىرادىنىڭ سىرتىدا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدە، ھېچقانداق كۈچنىڭ، ھەر قانداق ھاكىمىيەتنىڭ ۋە ھەر قانداق ۋەسىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ؛ تولۇق مۇستەقىللىق يولىدا ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ جاكارچىسىدۇر. ئازادلىق ئۇرۇشىدا قەھرىمانلىق داستانى يازغان ئەزىز خەلقىمىز، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر ساھە بويىچە تەرەققىي قىلىشنى ۋە ئىلگىرىلەشنى پىرىنسىپ قىلدى. تۈركىيە بۈگۈن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ئۈلگىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بىزمۇ كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ بۈيۈك، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ باي ۋە تېخىمۇ مۇقىم بولغان تۈركىيەدە ياشىشى ئۈچۈن، خەلقىمىزدىن ئالغان كۈچ بىلەن خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. پۈتكۈل دۇنيادا بالىلىرىمىز بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تەبرىكلىگەن 23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى، خەلقىمىزنىڭ بالىلارنى قانچىلىك چوڭقۇر قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدۇ. خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بالىلىرىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق دەپ كۆرىمىز، ئۇلارنى بېشىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇتىمىز. ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز، بالىلىرىمىزغا ۋە ياشلارغا تېخىمۇ پارلاق بولغان ئەتىلەرنى تەييارلاشتۇر.»

ئۇ ئاخىرىدا، قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تۈركىيە بۈيۈك مەجلىسىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا دۆلىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا تەشەككۈر ئېيتىپ: «ئىستىقلال ئۇرۇشىنىڭ باش قوماندانى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تۇنجى رەئىسى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھەمدە بارلىق شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنى رەھمەت، مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز. بارلىق بالىلىرىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيا بالىلىرىنىڭ بۇ مۇستەسنا بايرىمىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر