شېيناخان ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان (Patrick Shanahan) تۈركىيەگە «F-35» ئايروپىلانلىرى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1186409
شېيناخان ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شېيناخان ئالبانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوتلا جاچكا (Otla Xhaçka) بىلەن پېنتاگوندا كۆرۈشتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئامېرىكا تۈرك كېڭىشىنىڭ 37-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە بىرلىكتە «قەيەردە توختاپ قالدۇق، قانداق ھەل ھەل قىلىمىز» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بىز ئورنىمىزدىن بەكىرەك، مەنپەئەتلىرىمىزگە مەركەزلەشتۇق.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشكەندە مەمنۇن بولىمەن. ئۇنىڭغا، تۈركىيەگە F-35 ئايروپىلانلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇنى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم» دېدى.

بۇ جەرياندا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تەسىس قىلىنىشى پىلان قىلىنغان «بىخەتەر رايون» مەسىلىسى، كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى قوغدىماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) باياناتچىسى چارلېس ساممېرس (Charles Summers) بىخەتەر رايون توغرىسىدا، تۈركىيە بىلەن قىلىنىۋاتقان زىچ ئالاقىلەرنىڭ ئۈنۈملۇك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ھەربىي قىسىملىرىمىز چېكىنگەندە، بىرلەشمە قىسىم بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مەڭگۈلۈك يىڭىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىمىزغا ۋە بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، رايون مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈركىيەنىڭ يوللۇق بىخەتەرلىك قايغۇلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، دائېشقا زەربە بېرىشتە شېرىكلىرىمىزنى قوغداش قاتارلىق نىشانلىرىمىزغا ۋە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى باشقا مەقسەتلىرىگە يېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر