ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى ئېنىق بولدى

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولدى.

1185505
ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى ئېنىق بولدى
ekrem imamoglu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 31-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ نەتىجىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئسىتانبۇلغا قاراشلىق بەزى ناھىيەلەردە سايلام بېلەتلىرى قايتىدىن سايلاندى.

سايلام نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەكرەم ئىمامئوغلۇ 4 مىليون 169 مىڭ 765، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىەيسىنڭ نامزاتى بىنالى يىلدىرىم 4 مىليون 156036 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

سايلام نەتىجىلىرى ئالىي سايلام كومىتېتى سىستېمىسىغا خاتىرلەنگەندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئەكرەم ئىمائوغلۇ، ۋىلايەتلىك سايلام كومىتېتىدىن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقلىق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئەكرەم ئىمامئوغلۇ گۇۋاھنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ساراھخانەدىكى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا سابىق ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى مەۋلۈت ئۇيسالدىن شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئىمامئوغلۇ مۇنداق دېدى: «شەھەرلىك باشلىقلىق گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇنىڭدىن قاتتىق ئىپتىخارلىنىمەن، تولىمۇ خۇشالمەن. گۇۋاھنامىنى 16 مىليون ئىستانبۇللۇققا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئسىتانبۇلنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئوبدان بىلىمەن، بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ تەلەپلىرىندىمۇ خەۋىرىم بار، ئىستانبۇللۇقلارغا خىزمەت قىلىشنى دەرھال باشلايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر