ئاقار ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناھان بىلەن كۆرۈشتى.

1184843
ئاقار ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناھان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە كىرىزىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئۇچرىشىشتا، مىنىستىر ھۇلۇسى ئاقار تەرىپىدىن سۈرىيەدە شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان بىخەتەر رايون، (رۇسىيەدىن) سېتىۋېلىنىدىغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، « F-35» تىپلىق ئايروپىلانلار  ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار پىكىر – تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ، رايوننىڭ ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چارلېس سۇممېرس، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھۇلۇسى ئاقار بىلەن پاترىك شاناھان، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى، ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرەنىڭ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىككى شېرىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، ھەمدە رايوندا بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر