ئەردوغان زەرىفنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنى قوبۇل قىلدى.

1185190
ئەردوغان زەرىفنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن يېپىق ئۇچرىشىشى 1 سائەت 10 مىنۇت داۋاملاشتى.

ئۇچرىشىشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ قاتناشتى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ۋە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر