ئەردوغان لۇكاشېنكو بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1184748
ئەردوغان لۇكاشېنكو بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇچرىشىشلاردا بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق، تۈركىيە – بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، بۇ دائىرىدە 6 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى. 2016 – يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ نىشانى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىدى. ئەمما بۇ نىشانغا تېخىچە يېتەلىگىنىمىز يوق، ئۇچرىشىشلىرىمىزدا بۇ نىشاننى بويلاپ قەدەم تاشلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدۇق، ھازىرقى نىشانىمىز بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 1 يېرىم مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئەسلىدە تۈركىيە بىلەن بېلارۇسىيە بۇ نىشانغا يېتىش ئىمكانيەتلىرىگە ئىگە.»

بېلارۇسىيەدە تۈرك مەدەنىيىتى ۋە تۈرك تىلىغا بولغان قىزىقىشنىڭ، بېلارۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ تۈركىيە بولۇشىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، مۇنداق دېدى: « 2016 – يىلى 113 مىڭ بېلارۇسىيەلىك ساياھەتچى دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلغانىدى،  ۋىزىسىز ساياھەت سايىسىدا بۇ رەقەم 2018 – يىلى 245 مىڭغا يەتتى.»

ئىگىلىنىشىچە، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھارپىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 6 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر