ئالبايراق ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئاقسارايدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

1184077
ئالبايراق ترامپ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋې منۇچىن ۋە پېشقەدەم باش مەسلىھەتچى جارېد كۇشنېر بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار قەدەملەر ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقان ئەسنادا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇق. ئۇنىڭغا جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ سالام ۋە سۆزلىرىنى يەتكۈزدۇق» دېدى.

بەرات ئالبايراق ۋاشىنگتوندا تۈركىيە – ئامېرىكا سودا كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا – تۈركىيە كېڭىشىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا بۇ يىل 37 – نۆۋەتلىكى چاقىرىلغان ئورتاق يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا «(ئۇچرىشىش) غايەت ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۆتتى» دېدى.

ئۇچرىشىشتا، رۇسىيەدىن س – 400 سېتىۋېلىش مەسىلىسى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنىڭ 75 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالبايراق، «ترامپتىن ناھايىتى ئىجابىي ئىنكاسلارنى ئالدۇق» دېدى ۋە ئۇلارنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئالبايراق، ترامپنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك بىرى سۈپىتىدە ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ قانداق ئانالىز قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئۇچرىشىش تۈركىيەگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئالبايراق، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ يېقىندا بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، يىغىن زىياپىتى ئەسناسىدا ئىشتىراكچىلارغا سۆز قىلغاندىمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يېڭىش ئىقتىدارىغا ۋە كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ناتو دائىرىسىدە تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىي چوڭقۇرلۇقى ۋە تەشكىلىي كۈچى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە يەتكۈزۈلگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش پۇرسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ئالبايراق، «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر فۇنكسىيەلىك مۇناسىۋەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىسا، ئەمەلىي مەيداندا ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ھەقىقىي ھەمكارلىق ئىشقا ئاشقان بولىدۇ. بۇنداق بىر ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان بارلىق ئاكتىيورلارغا قارشى تۇرۇش بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر