تۈركىيە: سۇدان ھەربىي كېڭىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە سۇداندىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ پۇقراۋى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىغا قارىتا ھەربىي كېڭەشنىڭ ۋەدىلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1183193
تۈركىيە: سۇدان ھەربىي كېڭىشىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە سۇداندا خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ ساقلىنىشى، خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ دائىرىدە، ھەربىي كېڭەشنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ پۈتكۈل سۇدان خەلقى بىلەن كېڭىشىلدىغان، دۆلەتتە بىخەتەرلىك ۋە  جەمئىيەت ئامانلىقى قوغدىلىدىغان ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچتىن كېيىن ھاكىمىيەتنىڭ پۇقراۋى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىگە ئالاقىدار ۋەدىلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، بۇ باسقۇچنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇداننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى، سۇدان خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سۇدانغا ياردەم قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر