تۈركىيە سۇداندىكى ھەربىي ئۆزگىرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇدان ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىشىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1181935
تۈركىيە سۇداندىكى ھەربىي ئۆزگىرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇداندا خاتىرجەملىك، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن قېرىنداش سۇدان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ۋە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇدان ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىشىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئافرىقا قىتئەسىدە كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ۋە چوڭقۇر قېرىنداشلىق رىشتىسىگە ئىگە بولغان سۇداندىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۇدان خەلقىنىڭ دۆلەتتە خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقىنىڭ بالدۇرراق كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بۇ مۇساپىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق دېموكراتىيە ۋە مىللىي يارىشىش دائىرىسىدە خەلقنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئاقلايدىغان، شۇنداقلا تىنچلىقپەرۋەر بىر شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سۇداننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىمدۇر. تۈركىيە، ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇداندا خاتىرجەملىك، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن قېرىنداش سۇدان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ۋە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سۇدان مۇداپىئە مىنىستىرى ئېۋەد بىن ئەۋف، ئارمىيەنىڭ دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغانلىقىنى ۋە 2 يىللىق ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر