تۈركىيە ئىتالىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش «ئەرمەنىي ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋەقەسى»نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1180982
تۈركىيە ئىتالىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىتالىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

باياناتچى ئىبراھىم كالىن مۇنداق دېدى: «ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچلىق قارارى ھەقىقەتكە پۈتۈنلەي زىت بولغان، شۇنداقلا يېڭى دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چاچىدىغان قاراردۇر.»

ئىبراھىم كالىن ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش 1915 يىل ۋەقەلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ تەرىپلەشنى مەزۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن بۇ ھەقتە تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ مۇنداق دېدى: «ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى ھەقىقەتكە پۈتۈنلەي زىت بولغان، شۇنداقلا يېڭى دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چاچىدىغان قاراردۇر. ئىتالىيەمۇ جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئورتاق تارىخ كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى، سىياسىي ئاممىبازلىق خاھىشىنى كۈچەيتىدىغان بۇنداق پوزىتسىيەگە قەتئىي قارشىمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دائىر تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىشىنى «ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ تارىخىمىزنى بۇرمىلاش ۋە سىياسىي تۈسكە ئىگە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز»دېگەن سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە يازغان ئۇچۇرىدا، ئىتالىيە پارلامېنىتنىڭ بۇ قارارىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىغا بىرلىكتە ھەقىقەتنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.»

ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدا ئاتالمىش « ئەرمەنىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان تەكىپ لايىھە ماقۇللانغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي كۈچى يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر