بولىۋىيە پىرېزىدېنتى بۈگۈن ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ

بولىۋىيە كۆپ مىللەتلىك دۆلىتى پىرېزىدېنتى مورالېس ئايما تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

بولىۋىيە پىرېزىدېنتى بۈگۈن ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولىۋىيە كۆپ مىللەتلىك دۆلىتى پىرېزىدېنتى مورالېس ئايما جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولىۋىيەدىن تۈركىيەگە قارىتىلغان پىرېزىدېنت دەرىجىلىك تۇنجى قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە – بولىۋىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كەڭ دائىرىلىك مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى گەۋدىسى نۆۋەتچى باشلىقى بولىۋىيە بىلەن رايون ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر