«ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىدۇر»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1178681
«ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىدۇر، دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى توغرۇلۇق دېگەن بۇ سۆزىگە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يازغان چاۋۇشئوغلۇ مۇنۇلارنى دېدى: «ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىدۇر، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا قانۇنغا تامامەن زىتتۇر، نېتانياھۇنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى تېخىمۇ كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشىش غەرىزىدە مەسئۇلىيەتسىزلەرچە بەرگەن باياناتلىرى، ھەقىقەتنى قەتئىي ئۆزگەرتەلمەيدۇ.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكىمۇ نېتانياھۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەنە ئاشقۇن باياناتلارنى بەردى.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، 9-ئاپرېلدا ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەقدىردە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرىنى «ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قوشۇش»نىڭ پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 1967-يىلى ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ھازىرغىچە 250گە يېقىن قانۇنسىز كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ جايلاردا 400مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدى ياشايدۇ.

خەلقئارا قانۇندا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلارغا سېلىنغان بارلىق كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرى قانۇنسىز، دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر