ئەردوغان ھېچكىمنىڭ تۈركىيەدىن «S 400» سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولغان تۈركىيەدىن، ھېچكىمنىڭ رۇسىيەدىن «S 400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1179432
ئەردوغان ھېچكىمنىڭ تۈركىيەدىن «S 400» سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (8- ئاپرېل) رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرلىكتە «8-قېتىملىق تۈركىيە-رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى» غا باشچىلىق قىلدى. ئارقىدىن، ئىككى رەھبەر ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان قۇرۇلمىلارغا كۆز يۇمالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. رۇسىيە بىلەن ئورتاق چۈشىنىش ئاساسىدا، مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە قەست قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز» دېدى.

ئۇ سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىمۇ قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكرارلىدى. ئۇ: «سۈرىيە ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق، ئامېرىكانىڭ چېكىنىش قارارىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق، ئىدلىب ۋە باشقا رايونلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سۆھبەتلەشتۇق. ئالدىمىزدىكى ۋاقىتلاردا بىرلىكتە بېسىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان قەدەملىرىمىزنى مەسلىھەتلەشتۇق» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تۈركىيە-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈۋرۈكلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ تۈركىيەنىڭ «S 400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«3-تەرەپنى بىئارام قىلامدۇ-قىلمامدۇ، بىز ئىگىلىك ھوقۇقى شەرتسىز خەلققە تەۋە بولغان بىر دۆلەتمىز. ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا بىرسىنىڭ ئارىلىشىشىغا رۇخسەت قىلالمايمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، خەلق ۋە دۆلەت بولالمايمىز. ‹S 400› توغرىسىدا پىلانىمىزنى بېكىتىپ بولدۇق، يول خەرىتىمىزنى سىزىپ بولدۇق، قەدىمىمىزنى باستۇق، ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى، ئەمدى بولغاندا قوپۇپلا ‹بۇنىڭدىن ۋاز كەچ› دېگەندەك تەۋسىيەلەرنى قىلغانلار، بىزنى تونۇمايدۇ، دېگەن گەپ. بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولساق، ئىش ئاخىرلاشتى دېگەن گەپ. ئۇنىڭغا قارىتا يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزدۇر. ھېچكىم بىزدىن بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلالمايدۇ.»               



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر