چەلىك ئامېرىكىغا جاۋاب قايتۇردى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جاۋاب قايۇردى.

1177512
چەلىك ئامېرىكىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باش مەركىزىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھالقىلىق دۆلىتى بولغان تۈركىيەنىڭ ناتو ئىچىدىكى رولىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ، «تۈركىيە، تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىلاتنىڭ مۇھىم بىر ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە قېلىش، ياكى تەشكىلاتقا زىيان يەتكۈزىدىغان، پەرۋاسىزلارچە قارارلارنى چىقىرىپ، ناتونىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە دۇچار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتقاندا، بۇنچىلىك دەرىجىدە تۈركىيەنى ئەيىبلەيدىغان ۋە يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بۇ پوزىتسىيە ئالدىدا ھاڭ – تاڭ قالدۇق. پېنسنىڭ بۇ باياناتى مۇنداق يېڭى بىر ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى: ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتاتتى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنسنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتىنى يېڭى كەشپ قىلغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رەھبەرلىرىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باياناتلار كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ بۇنداق باياناتنى بېرىشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتىنى كەشپ قىلىشى جەھەتتىن تۇنجى قېتىملىق ئىش بولدى. تۈركىيەنىڭ داۋاملىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىنى تالاش – تارتىش قىلىش، ئەسلىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى تالاش – تارتىش قىلىش دېگەنلىكتۇر.»

تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچۇسى بولۇشتىن سىرت يەنە، ئەڭ ھالقىلىق ۋە ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چەلىك، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسىدە ھەمىشە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەتراپىدىكى رولىغا نەزەر تاشلىغان ھامان، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوغداۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  رايون ھەم دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قانچىلىك دەرىجىدە زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما باشقىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى  كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەستۇر.»

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىنى خالىمايدىغان ئامېرىكا رەھبەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن چەلىك، تۈركىيەنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشىغا قارشى چىققان بۇ رەھبەرلەرنىڭ، ئەمدىلىكتە تۈركىيەدىن ئاللىقاچان تۈزۈلۈپ بولغان كېلىشىمدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك ئالدىدا ھەرگىزمۇ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ھەمدە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان چەلىك، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەممىگە مۇنۇ ھەقىقەتنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىلدۈرۈپ قويۇشنى خالايمىز: ھەممە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق ۋە مۇھىم  دۆلىتى بولغان تۈركىيەنىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى ئىتتىپاقداشلىق رولىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى كېرەك،  ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى مانا مۇشۇ ئىتتىپاقداشلىقنىڭ تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى تەقەززا قىلىدۇ،  بۇ بولسا، تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە رايون ھەم دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە تېخىمۇ  مۇھىم رول ئوينايدىغان ھالقىلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر