سايلامنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى

تۈنۈگۈن تۈركىيە مىقىياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلاملارنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1174417
سايلامنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقىياسىدا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا پارتىيەلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىتتىپاقلارنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى.

تۈركىيە مىقىياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولدى.

 ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇر ئىتتىپاقى %51.74 ئاۋازغا ئېرىشتى.

سايلامدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە ئىيى پارتىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان مىللەت ئىتتىپاقى بولسا %37.64 ئاۋازغا ئېرىشتى.

ئاۋازلارنىڭ تارقىلىش نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى %44.42، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى %30.07، ئىيى پارتىيە %7.46، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 7.25، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى %4.2 ئاۋازغا ئېرىشتى.

باشقا پارتىيەلەر %6.60 ئاۋازغا ئېرىشتى.

سايلامنىڭ غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 796، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 246، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 227، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى 69، ئىيى پارتىيە 21 رايوندا بىرىنچى بولدى.

ئۈچ چوڭ شەھەردە سايلام نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:

ئەنقەرە

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %47,20

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %50,62

ئىستانبۇل

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %48,71

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %48,65

ئىزمىر

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %38,49

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %58,06



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر