مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي رومىنىيەدە

رومىنىيەدە چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشقان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

1173962
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي رومىنىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، رومىنىيەدە مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

فۇئات ئوكتاي پايتەخت بۇكرەشتە چاقىرىلغان رومىنىيە-بۇلغارىيە-سىربىيە-گىرېتسىيە تۆت دۆلەت ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا پەخرى مېھمان سالاھىيىتىدە ئىشتىراك قىلدى.

فۇئات ئوكتاي يىغىن ئەسناسىدا رومىنىيە باش مىنىستىرى ۋىئورىكا دانكىلا، سىربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇكىك، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس ۋە بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس ئوكتاي، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئوكتاي مۇنداق دېدى: «كەڭ كەتكەن بىر زېمىننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان تۈركىيەگە نىسبەتەن بالقان رايونى تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، ئىرقداشلىرىمىز ۋە ئەجداد يادىگارلىرىمىز ياشايدىغان بۇ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك،بالقان رايونىنىڭ  ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم  ۋە تىنچ بولۇشى تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىمدۇر.»

فۇئات ئوكتاي ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغانلىرى، بالقان رايونىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئېنېرگىيە ۋە كۆچ قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي يىغىندا يەنە ياۋروپا مىقىياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىسلامغا ئۆچمەنلىك ۋە چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى خاھىشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇئات ئوكتاي رومىنىيە باش مىنىستىرى دانكىلا بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

باش مىنىستىر دانكىلا پايتەخت بۇكرەشتە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، رومىنىيە باش مىنىستىرى بىلەن سەھىيە ساياھەتچىلىكى مەسىلىسىدىمۇ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆرۈشۈشتە تۈركىيەدىكى شەھەر دوختۇرخانىلىرى لايىھەسىنىڭ تۈركىيە شىركەتلىرى تەرىپىدىن رومىنىيەدىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.

كۆرۈشۈشتە يەنە تۈركىيە-رومىنىيە بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېت يىغىنىنى بۇ يىل چاقىرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر