ئىستانبۇلدىن قوزغالغان پاراخوتنى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاراقچىلار تۇتۇپ كەتتى

ئىستانبۇل تۇزلادىن قوزغالغان ۋە پالائۇ بايرىقى ئېسىلغان «Elhiblu 1» ناملىق نېفىت توشۇغۇچى پاراخوت لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

1172028
ئىستانبۇلدىن قوزغالغان پاراخوتنى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاراقچىلار تۇتۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پالائۇ بايرىقى ئېسىلغان «Elhiblu 1» ناملىق نېفىت توشۇغۇچى پاراخوتنىڭ بويى 52 مېتىر بولۇپ، ئىچىدە 6 خادىم ۋە 100 گە يېقىن پاناھلانغۇچى بارلىقى، تۈنۈگۈن لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە تىز سۈرئەتلىك كاتىرلار بىلەن بېسىپ كەلگەن قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاراخوتنىڭ كاپاتانى تۈركىيەلىك بولۇپ، 4 خادىم ھىندىستانلىق ۋە يەنە بىر خادىمنىڭ لىۋىيەلىك ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

پاراخوتتا يەنە، 100 گە يېقىن پاناھلانغۇچى بارلىقى، مالتا تەرەپكە كېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار مەسلىگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مەركىزى قۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر