ئەردوغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، گولان تۆپىلىكلىرى ۋە ئاياسوفيا توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1172394
ئەردوغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، گولان تۆپىلىكلىرى ۋە ئاياسوفيا توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ قاندىل رايونىدىكى قارارگاھىغا قارشى ئېلىپ بارغان بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى كۆپ ساندا كىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم بېسىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان قوراللارغا تايىنىپ تېررورچىلار تىنىمسىز زەربە بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «مەن قىلدىم، بولدى دېيىش بىلەنلا بۇ ئىش ھەل بولمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بۇ رايونغا ئالاقىدار 1967 – يىلى چىقارغان قارارى بارلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇشنى ئەمەس، سۈركىلىشنى ئۇلغايتىش ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا زەربە بېرىش يولىنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ تاللاشنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ جەرياندا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئاياسوفيانىڭ جامەگە ئايلاندۇرۇلۇپ – ئايلاندۇرۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ نۆۋەتتە بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈمىدى؛ مىللىتىمىزنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاياسوفيانى جامە ھالىتىدە كۆرۈش ئارزۇسى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر