تۈركىيە پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى قاندىل تېغىدا بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك كاتتىبېشى جەمىل بايىكنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىدىن رىزا ئالتۇننى ئېغىر يارىلاندۇردى.

1171632
تۈركىيە پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 21 – مارت پەيشەنبە كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئالتۇن ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەرگە زەربە بېرىلگەن.

زەربىگە ئۇچرىغان تېررورچىلار ئارىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى «ناۋدار» تەخەللۇسلۇق مىكائىل ئۆزدەمىر، ئاتالمىش باياناتچىسى «سەرھات ۋارتو» تەخەللۇسلۇق ئەمرۇللاھ دۇرسۇن ۋە ئاتالمىش قاندىل رايونى مەسئۇلى «سىنان سور» تەخەللۇسلۇق ئالى ئاكتاش قاتارلىقلارمۇ بار.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ، رىزا ئالتۇننىڭ، قاندىل تېغىنىڭ ئىران چېگراسىغا يېقىن بىر جايدا يىغىن ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ دائىرىدە رىزا ئالتۇننىڭ پايدىلىنىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق يوللار ۋە ۋاسىتىلەر كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى تېررورچى رىزا ئالتۇننىڭ، مىكائىل ئۆزدەمىر ۋە ئەمرۇللاھ دۇرسۇن بىلەن قاندىلنىڭ ئىران چېگراسىغا ېيقىن ئەبۇ باكرا يېزىسىغا قاراپ يولغا چىققانلىقى ت ب2 ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەرىپىدىن ئېنىقلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن كېرەكلىك تەييارلىقلار قىلىندى.

تەييارلىقلارنىڭ پۈتۈشى بىلەن، 21 – مارت پەيشەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئېنىقلاپ چىققان ئورۇننى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەل نىشانغا ئېلىپ بومباردىمان قىلدى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى خەلقئارالىق كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا مەسئۇل ئەزاسى، بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئاتالمىش «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى» دەپ ئاتىلىدىغان رىزا ئالتۇن ئېغىر يارىلاندى.

ئالتۇننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

تەشكىلاتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ كېلىۋاتقان ئەزالىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن ۋە رايوندىكى ئاكتىيورلارغا سىگنال بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت، ئوخشاشلا پ ك ك نىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كىرىۋالغان قاندىلنىڭ ئىچكى قىسىملىرىدىمۇ ئامانلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.


خەتكۈچ: #پ ك ك , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر