ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۇجۇم ۋە ئاياسوفيا توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۇجۇمنىڭ يەككە ئەمەس، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1170210
ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۇجۇم ۋە ئاياسوفيا توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۇلاپ تارقاتقان بىرلەشمە سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ژۇرنالىستلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان، 15 – مارتتا يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدە جۈمە نامىزى ۋاقتىدا ئىككى جامەگە 10 مىنۇت ئارىلىق بىلەن قىلىنىپ، 51 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر جاسىندا ئاردېرننىڭ باياناتلىرى ھەر جەھەتتىن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. (ئۇ) بۇ ئىشنىڭ ئازابىنى ھېس قىلدى.» دېدى.

ئەردوغان، يېڭى زېلاندىيە خەلقىنىڭمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئازابلىرىغا ئورتاقلىشىپ، ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسىنى ئالمىغانلارغا ئىنسانلىق دەرسى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفياغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇنىڭ (ئىسمىنى) مۇزېي ئەمەس، ئاياسوفيا جامەسى دەپ قويىمىز. ساياھەتچىلەر سۇلتان ئەھمەد جامەسىگە قانداق كىرىدۇ، بىر ھەق تۆلەمدۇ؟ ئۇلار سۇلتان ئەھمەد جامەسى، سۇلايمانىيە جامەسى، فاتىھ جامەسىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئوخشاش ئىشنى ئاياسوفيادىمۇ قىلساق، مۇزېي سالاھىيىتىدىن چىقىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر