ئەردوغان «مەرھابا قېرىندىشىم»ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدە جامەلەرگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «مەرھابا قېرىندىشىم»ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللىدى.

1169374
ئەردوغان «مەرھابا قېرىندىشىم»ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېڭى زېلاندىيەدە جامەلەرگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «مەرھابا قېرىندىشىم»ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى زېلاندىيەدە ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان داۋۇد نەبىنىڭ ئاخىرقى قېتىم دېگەن « Hello Brother » يەنى «مەرھابا قېرىندىشىم»سۆزى،  ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.

«ت ر ت دۇنيا»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ، داۋۇد نەبىنىڭ بۇ سۆزىگە ئاساسەن تەييارلاپ چىققان ۋىدېئوسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تۋىتتېر ئادرېسىدىن ت ر ت دۇنيا تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋىدېئونى «سالام قېرىندىشىم»دېگەن مەۋزۇ ئاستىدا ئورتاقلاشتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى ئەل نور ۋە لىنۋۇد جامەلىرىگە 15-مارت جۈمە كۈنى قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 50 ئادەم ئۆلۈپ 50 ئادەم يارىلانغانىدى.

يېڭى زېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرس، قانلىق ھۇجۇمنى سادىر قىلغان تېررورچىنىڭ ھاياتىنىڭ قالغان قىسمىنى تۈرمىدىكى ئايرىم كامېردا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر