ئەردوغان رۇسىيەگە بارىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8 – ئاپرىلدا رۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
1169275
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 8 – ئاپرىلدا موسكۋادا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ئۇچرىشىش ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 3 - قېتىم كۆرۈشىشى بولىدۇ.
رەھبەرلەر يەنە «رۇسىيە- تۈركىيە ساياھەت ۋە كۈلتۈر يىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىمۇ بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ.