ئەمىنە ئەردوغان نورۇزنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، نورۇزنىڭ جىمى ئالەمگە خاتىرجەملىك، دوستلۇق ۋە تىنچلىق كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1168099
ئەمىنە ئەردوغان نورۇزنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق 21 – مارت دۇنيا نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.

باھارنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ، تەبىئەتنىڭ ئويغانلىقىنىڭ ۋە ئىسسىق ھاۋانىڭ زېمىن بىلەن دىدارلاشقانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان 21 – مارت دۇنيا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمىنە ئەردوغان، «ئۈمىد قىلىمەنكى، بۇ نورۇز جىمى ئالەمگە خاتىرجەملىك بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق ۋە تىنچلىقنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ مەنىلىك كۈندە ئۆزىمىز ھىمايە قىلىۋاتقان كۆڭۈل ئەلچىلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بەرەكەت ئورمانلىرى پىلانىمىز دائىرىسىدە ھازىرغىچە 1 مىليون 300 مىڭ قارىغاي تىككەنلىكىمىزدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز. يىل ئاخىرىغىچە بىر يېرىم مىليونغا يېتىدىغان قارىغايلىرىمىز بىلەن دۆلىتىمىز يېشىللاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر