ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا ۋاشىنگتون پوچتىسىغا ماقالە يازدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېڭى زېلاندىيەدە 50 مۇسۇلماننى قەتل قىلغان تېررورچىنىڭ ئاتالمىش خىتابنامىسىدە تۈركىيە ۋە ئۆزىنى ئۇدا بىر قانچە قېتىم تىلغا ئېلىشىنىڭ يوشۇرۇن مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1166956
ئەردوغان يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۇجۇم توغرىسىدا ۋاشىنگتون پوچتىسىغا ماقالە يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىغا «يېڭى زېلاندىيە تېررورچىسى ۋە دائېشنىڭ رەختى ئوخشاشتۇر» سەرلەۋھىسى ئاستىدا بىر پارچە ماقالە يازدى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرىستچورچ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 50 بىگۇناھ ئىنساننىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، جۈمە نامىزى ئۆتەش ئۈچۈن شۇ جايدىكى جامەلەرگە توپلانغان ئونلارچە مۇسۇلماننىڭ ھۇجۇمدىن يارىدار ھالەتتە قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

جىنايەتنى سادىر قىلغان قوراللاردا ۋە تېررورچىنىڭ ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان ئاتالمىش خىتابنامىسىدە نۇرغۇن تارىخىي مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، «تېررورچىنىڭ تۈركىيە ۋە مېنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئېلىشى ھەم يوشۇرۇن مەنىگە ئىگە ھەم ئالاھىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش زۆرۈر بولغان بىر نۇقتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئەردوغان، جىنايەت جاۋابكارىنىڭ دۇنيا تارىخىنى ۋە خىرىستىيانلىق ئېتىقادىنى بۇرمىلاپ، ئازغۇن قاراشلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىشقا ئۇرۇندى. ئۆتمۈشتە قانچە قېتىم تېررورنىڭ دىنى، تىلى ياكى ئىرقى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بىر لىدىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى خىرىستىيان تەلىماتلىرىغا، ئەخلاقىغا ياكى پىرىنسىپلىرىغا چېتىپ ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇشتەك ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى رەت قىلىمەن. يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلارغا پەقەت نادانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ زەھەرلىك پوقىقى دەپ قاراشقا بولىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مىللىتىمىز، تارىخنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىشىنى تۇنجى قېتىم بۇ ۋەقە ئارقىلىق كۆرمىدى. تارىخنى ئاشقۇن ئىدېئولوگىيەلەر پەنجىرىسىدىن شەرھلەيدىغان ۋە كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان مىڭلارچە پۇقرانىڭ قاتىلى بولغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى، يېقىنقى يىللاردا <ئىستانبۇلنى قايتىدىن پەتھى قىلىش> ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى. بۇ چاقىرىق، كىرستچورچ ھۇجۇمچىسىنىڭ خىتابنامىسىدە ئورۇن ئالغان <شەھەرنى يەنە بىر قېتىم خىرىستىيانلاشتۇرۇش> سۆزىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. دائېشمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى يوقىتىپ تاشلاشقا قەسەم قىلغانىدى، تۈرك ئەسكىرىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بۇنداق ئېغىر زەربە بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بۇ ئىدى. شۇڭا يېڭى زېلاندىيەدە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قاتىل بىلەن تۈركىيە، فىرانسىيە، ھىندونېزىيە ۋە باشقا جايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلغانلار ئارىسىدا قەتئىي شەكىلدە ھېچقانداق پەرق يوقلۇقى يەكۈنىنى چىقىرىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كرىستچورچ قەتلىئامىدىن كېيىن غەربنىڭ يەلكىسىگە چۈشكەن بەزى مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، غەرب جەمئىيەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىرقچىلىق، چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكى ۋە ئىسلاموفوبىياغا ئوخشاش يېقىنقى يىللاردا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ نورماللىشىپ قېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «غەربلىك لىدىرلارنىڭ، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى ھۆرمەتلىك جاسىندا ئاردېرننىڭ جاسارىتى، لىدىرلىقى ۋە سەمىمىيىتىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى باغرىغا بېسىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر