تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1167199
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلار پايدىلىنىۋاتقان ئىستىھكام ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تۋىتتېر ئارقىلىق بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر